سىزنىڭ مال ئامبىرڭىز قۇرۇق

ئۇمۇمى مەھسۇلاتدانە ,جەمئى بۇل سوممىسى¥ 

ھسابات
سايىلەڭ

سايىلەڭ

ئېلىمىز تۇنجى قېتىم تېز يوللانما قىلىنمايدىغان بۇيۇملار دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، مۇخبىرنىڭ 19-يانۋار دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ «پوچتىدىن ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم تېز يوللانما ئەۋەتىشتە مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلاش دائىرىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپتىن ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار توغرىسىدا قېلىپلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر خىل بۇيۇملار، تېز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلايدىغان، كۆيۈشچان، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار بولغان ھەر خىل بۇيۇملار، قانۇن-نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار دائىرىسىگە كىرىدۇ.


دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شيا شىندوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بەلگىلىمە ئەۋەتىش يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ دائىرىسىنى بىر قەدەر ئېنىق بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خېرىدارلارنىڭ تېز يوللانما ئارقىلىق بۇيۇملارنى يوللاشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى. ئەگەر تېز يەتكۈزۈش شىركەت-كارخانىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەم ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، شىركەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.