سىزنىڭ مال ئامبىرڭىز قۇرۇق

ئۇمۇمى مەھسۇلاتدانە ,جەمئى بۇل سوممىسى¥ 

ھسابات
سايىلەڭ

سايىلەڭ

خەلق پۇلى شىددەتلىك تەۋرىنىۋاتقان پەيتتە جۇڭگو پاي بازىرى نېمىشقا شۇنچە تىنچ


ۋال كوچىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە بۇ يىل خەلق پۇلىنىڭ يۈزلىنىشى ئېھتىمال مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرسىمۇ، ئەمما پات-پات شىددەت تەۋرىنىدىغان جۇڭگو پاي بازىرى ئەزەلدىن مۇنداق تىنچ بولۇپ باقمىغان ئىدى.

دونالد تىرامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىش نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشچانلىقى يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە داۋاملىق ئۆرلىدى. بازارنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىسقا مەزگىللىك تەۋرىنىشىگە بولغان مۆلچەرىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، شاڭخەي پاي بازىرىنىڭ تەۋرىنىشچانلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئوخشاش خىلدىكى كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىمەكتە، بۇ ھەپتە سودا سۇس پەيتتە خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. ئۆتكەن بىر ئايدا، ئۆلچەملىك شاڭخەي ئاكسىيە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى پەقەت ئۈچ سودا كۈنىدىلا ئۆسۈش-چۈشۈش نىسبىتى %1دىن ئېشىپ كەتتى.

خەلق پۇلى شىددەتلىك تەۋرىنىش بىلەن بىرگە، پاي بازىرى كىشىنى قايتا-قايتا ئەسنىتىپ قويىدۇ، ئىككى ئارىسىدىكى بۇ كۆرۈنەرلىك پەرق ۋە 2016-يىلىنىڭ بېشىدىكى جۇڭگو بازىرىنىڭ تەۋرىنىش يۈزلىنىشى روشەن سېلىشتۇرما بولدى. ئەينى چاغدا جۇڭگو پاي بازىرى ۋە خەلق پۇلى بىردەك زور نىسبەتتە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى بازاردا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا بولغان ۋەھىمە تولغان ئىدى.

نۆۋەتتە خەلق پۇلى ۋە جۇڭگو پاي بازىرىدىكى تەۋرىنىشچانلىقنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن پەرقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھازىر جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە خەتىرىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەسىلەن پۇل زور مىقداردا چەتئەلگە ئاقماقتا ۋە دۆلەت ئىچى قەرزى يۇقىرى، قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشە نىسبەتەن تۆۋەن.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇشتا تەۋرىنىش نىسبىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پېرېۋوت نىسبىتى بىر ئايلىق تەۋرىنىشى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 11 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. تەۋرىنىش نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇش قەرەللىك ھوقۇقى باھاسى بويىچە ھېسابلاشنى ئاساس قىلغان؛ ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار كەلگۈسى 30 كۈن ئىچىدە پېرېۋوت نىسبىتى زور دەرىجىدە تەۋرىنىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئالدىنى ئېلىش تۈرىدىكى تەۋرىنىشچان قەرەللىك ھوقۇقنى سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. مەزكۇر كۆرسەتكۈچ بۇ ھەپتە ئاللىقاچان چۈشتى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللىك كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا.

ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشىلىنىشى يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ بىر قېتىملىق مەجبۇرىي چېكىنىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ئىشەندۈردى. پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆرلىدى ھەمدە شىركەت پايدىسىنىڭ مۇقىم ئاشىدىغانلىق مۆلچەرىمۇ پاي بازىرىنى جانلاندۇردى.

تەھلىلچىلەر يەنە بازارنىڭ تىنچ بولۇشىنى «دۆلەت ئەترىتى»نىڭ تەسىرىدىن دەپ قارىدى، دېمەكچى بولغىنى دۆلەت قوللىغان بىر گۇرۇپپا فوندتۇر، ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ فوندلار دائىم بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قوللىنىپ، پاي بازىرى چۈشۈپ كەتكەندە پاي چېكى سېتىۋالدى، پاي بازىرى قاتتىق ئۆسكەندە تۆكمە قىلىپ ساتتى.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگپ پاي بازىرى سودىسىنىڭ داۋاملىق تىنچلىقىنى ساقلىشى مۇمكىنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مەزكۇر بازاردا يەنىلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار خەلق پۇلى سودىسى قىلىدىكەن ھەمدە پايدىغا ئېرىشىپلا بولدى قىلىدىكەن، شۇڭا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشچانلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن كىچىك ئىكەن.