سىزنىڭ مال ئامبىرڭىز قۇرۇق

ئۇمۇمى مەھسۇلاتدانە ,جەمئى بۇل سوممىسى¥ 

ھسابات
سايىلەڭ

سايىلەڭ

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش


ماركېتىڭ مەسئۇلى 
شەرتى:
(1) تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالاقە تورى ياكى تور سودا شەھەرچىسى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى بار، بازار ئېچىش ۋە تەشۋىق قىلىش جەھەتتە تەجرىبىسى بولۇشى، پىكرى روشەن بولۇشى.
(2) ئېنگىلىزتىلى جەھەتتە ئاساسى بولۇشى.
(3) بازار كېڭەيتىش، پائالىيەت پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش، بازار كۆزىتىش، بازار تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى.
(4) سودا تورى تاشقى ھەمكارلىق ئىشلىرى، تۈر ھەمكارلىقى ۋە تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىقتىدارى بولۇشى، مول بولغان ئاخپارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىسى بولۇشى، تور بەت بازىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچىسى بولۇشى.
(5) سەممىي، ئاكتىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار، باشقىلار بىلەن ئالاقىگە ماھىر، خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك.
تور بېكەت تەھرىرى مەخسۇس خادىمى
شەرتى:
(1) يېزىق ئاساسى پۇختا، تور سودىغا بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى. 
(2) توردا مەخسۇس تېمىدا پىلانلاش، تەھرىرلەش، مەزمۇننى يېڭىلاش قاتارلىق تەجرىبىسى بولۇشى.
(3) ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا ماھىر، يېزىق ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ماھىر.
(4) خېرىدارلارنى ھېس قىلىشقا ماھىر، توردىكى خېرىدارلارنىڭ پىسخىكىسنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
(5) يىلدىن ئارتۇق سودا تورى جەھەتتە تەجىربىسى بولۇشى، تور بىكەت خىزمەت تەرتىپىنى پىششىق بىلىشى، ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشكە پۇختا بولۇشى كېرەك.
گۈزەل سەنئەت مەخسۇس خادىمى
شەرتى:
(1) گۈزەل-سەنئەت لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپى مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشى. 
Photoshop، coreldraw (2) قاتارلىق تەكشىلىكتە لايىھەلەش دېتاللىرىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇشى.
(3) بىر قەدەر ياخشى بولغان ئېستېتىك ئىقتىدارى بولۇشى، بىر قەدەر ياخشى بولغان تەكشىلىكتە لايىھەلەش سەۋىيەسى بولۇشى.
(4) ياخشى بولغان ئىپادىلەش ۋە سۆھپەتلىشىش ئىقتىدارى بولۇشى.
(5)خىزمەتتە پۇختا، مەسئۇلىيەتچان، ياخشى بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھى بولۇشى.
تور تەشۋىق قىلىش مەخسۇس خادىمى 
شەرتى:
(1) يىلدىن ئارتۇق تور تەشۋىقات جەھەتتە تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.
(2) تور سودىسىنى تەشۋىق قىلىش، پىلانلاش، باشقۇرۇشقا ماھىر، ئۇچۇر تەھرىرلەش، ئېلان قىلىش،توردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، توردا سېتىش ئۇسۇلىنى تاللاش جەھەتتە ماھىر، خىزمەتنى مۇستەقىل تاماملاش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
(3) ئېنتېرنىت تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىشى، تور بېكەتنىڭ يۈرۈشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىغا پىششىق بولۇشى، تەشۋىقات جەھەتتە تەجرىبسى بولۇشى.
(4) ياخشى بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھى، بازار بۆلۈمىگە ماسلىىشپ بازار پىلانلاش ۋە يولغا قويۇشقا ماھىر بولۇشى.
مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس خادىمى 
شەرتى:
(1)ئېلركترونلۇق سودا يۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئاساسىي بىلىملىرى بولۇشى.
(2) توردا مال سېتىش تەجرىبىسى بار، تور دۇكان ئېچىپ باققان ۋە تور تىجارىتى قىلىپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
(3)كاللىسى ئوچۇق، زېھنى ئۆتكۈر، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەم بىلەن پاراڭلىشالايدىغان، باشقىلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر، ياخشى مۇلازىمەت ئېڭى بار، خىزمەتتە سەۋېرچان ھەم ئىنىچكە بولۇشى كېرەك.
(4) خەت ئۇرۇش سۈرئىتى تېز، تور ئاساسىي بىلىملىرىگە پۇختا، مەسئۇلىيەتچان، سەۋېرچان بولۇشى كېرەك.

خىزمەت تەمىناتى : ئاساسىي مۇئاش + ئۈنۈم مۇئاش+يىللىق مۇكاپات + شىركەت پىيى 

شىركەت ئادرىسى :ئۈرۈمچى تىيەنشەن رايۇنى رۈيدا سودا مەركىزىBبىنا 918-ئىشخانا

ئالاقىلىشىڭ:تەرجىمالىڭىزنى ئېلخەتكە يوللاڭ:hr@email-marshal.com